ئالتۇن چوتكا گىلەم يۇيۇش مەركىزىنىڭ قىسقىچە تارىخى
گىلەم يۇيۇش مەركىزىمىز 1999- يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدە قۇرۇلغان تۇنجى مەخسۇس گىلەم يۇيۇش مەركىزى . مەركىزىمىز يىڭى قۇرۇلغان ۋاقتىدا پەقەتلا تۆت نەپەر خزمەتچى بىلەنلا ئىش باشلىغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭى قۇرۇلغان بولغاچقا خزمەتچىلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن تەجىربىسى يوق دىيەرلىكلا ئىدى . ھەتتا بەزى خېرىدارلارنى رەنجىتىپمۇ قوياتتى ، ئەلۋەتتە مۇلازىمەت بىرىنچى ، سۈپەت بىرىنچى . جاپاغا چىداش، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ، ھەر تۈرلۈك تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق قانداق قىلغاندا خېرىدارلارنى رازى قىلغىلى ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزىگە قويدى ، ھەمدە ئامرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار گىلەم يۇيۇش ماشىنىسى ، سۇ سۈمۈرۈش ماشىنىسى ، چاڭ توزان سۈمۈرۈش ماشىنىسى ،شامال ئارقىلىق گىلەم قۇرۇتۇش ماشىنىسى ، مەخسۇس گىلەم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى; قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۈسكىنىلەرنى كىرگۈزدى ۋە گىلەم يۇيۇش ئۇستىسىنى تەربىيلەپ چىقتى جاپاغا چىداپ ئىشلىگەندىلا ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ خۇشال قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەركىزىمىز ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى ئۆزىگە قاراتتى . جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ بىزمۇ ھەم جىم تۇرمىدۇق ، ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر قانداق ماتىرىياللارنى جان تىكىپ ھازىرلىدۇق ، مەخسۇس گىلەم يۇيۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيلىدۇق ھەم تەربىيلەپ سىرىتقا چىقاردۇق ، گىلەم يۇيۇش ماتىرىياللىرىنىڭ داغ چىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنىنى ئىشلەتتۇق ، خېرىدارلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلماسلىق ئۈچۈن ئاپىرىپ – ئەكىلىش ماشىنىسىنى ئىككىگە ئۆزگەرتتۇق ، شوپۇر ۋە شوپۇر ياردەمچىسىنىڭمۇ گەپ سۆزلىرى سىلىق ، مۇلايىم ،چاققان ، ياش ئوغۇل بالىلارنى ئىشلەتتۇق ، خىرىدارلار تىلفۇنىنى قۇبۇل قىلىش جەھەتتە تىلى ئۆتكۈر ، گەپتە پىشقان ، ئاۋازى سۈزۈك ھەم مۇلايىم ئايال تىلفۇنىسنى ئورۇنلاشتۇردۇق ، گىلەملەرنىڭ ئالمىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كەڭ خېرىدارلىرىمىزنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قالماي ، پات – پات ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھەر بىر گىلەملەرنىڭ كەينىگە تىلفۇن نۇمۇرىمىز ۋە گىلەم نۇمۇرى چۈشۈرۈلگەن نۇمۇر قەغىزى چاپلىدۇق ، خېرىدارلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ماي دېغى، قەھۋە دېغى ، تۈمۈر داتلىرى ۋە گىلەمگە چاپلىشىپ قالغان سېغىزلارنى چىقىرىش سۇيۇقلۇقلىرىنى كىرگۈزدۇق ، يەنى يىرتىلغان گىلەم قىرغاقلىرىنى توقۇش ماشىنىسى، يىرتىلغان گىلەملەرنى چاپلاش ئۈچۈن مەخسۇس گىلەم چاپلايدىغان شىلىمنى كىرگۈزۈپ خېرىدارلىرىمىزنىڭ كىچىككىنە بەزى مۈشكۈللىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق .
ھەر ئىنسان بىشىدىن ئۆتەر نۇرغۇن ئىش، راھىتى يازدۇر ھەم جاپاسىدۇر قىش . ھاياتلىق مۇساپە ئۇزۇن ھەم چەكسىز، شۇڭا دوستۇم سەن ھەممىگە پىش .
ئادەمدە بولسا گەر ئىرادە ھەۋەس ، تاغلارنى ئورنىدىن يۆتكەش تەس ئەمەس . ئۇنداقتا قىيىن ئىش يوق ئىكەن دىمە، دۇنيادا ئادەمدەك ياشىماق ئەڭ تەس .
تۇغۇلدۇڭ چوڭ بولدۇڭ ياشىدىڭ ئۇزاق ، ئۆتتى بىشىڭدىن ئىسسىق ۋە سوغاق . بىلدىڭمۇ ھاياتنىڭ مەنەسى نىمە ، قوياپ باق ئۆزۈڭگە شۇنداق بىر سوراق .
قىزىل گۈلگە تىكەن ھەمراھتۇر ، شاتلىق بىلەن قايغۇ قوشكىزەك . كۈلكە ۋە يىغا ئەمەس يىگانە، بىللە ھامان قوشماق مېغىزدەك
|